Uyghur主要词典
كېسەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاختارمىدىن چىققان مۆنەك نەرسە.
پوققا چالما ئاتساڭ، يۈزۈڭگە چاچرار. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق. بىر داڭگالدا ئككى كەپتەرنى سوقماق. داڭگالنى ساناپ بولغىلى بولماس. كېسەك ئاتقانغا ئېشەك غەم قىلماس. ئاختارمىدىن پامپا تېپىلماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قېلىپ ئارقىلىق ھەرخىل ئۆلچەمدە، تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە قۇيۇپ قۇرۇتۇلغان، قاتقان لاي، چالما.
كېسەك تام. كېسەك ئۆي.
ئى. چالما پارچىسى ياكى قاتقان لاي.
چالما - كېسەك قىلماق.
سۈپ. كېسەككە ئوخشاش قۇيۇلغان.
كېسەك ئالتۇن.