Uyghur主要词典
كىرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يىپ، ئارغامچا قاتارلىقلارنى بىر ئۇچىنى تارتىش بىلەنلا يېشىلىپ كېتىدىغان قىلىپ باغلاش، چىگىش ۋە مۇشۇنداق باغلاق.
كىرمەك باغ.
پاكار تاغ يايلاققا يارىماس، قىسقا يىپ كىرمەككە يارىماس (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەرىكەتلىنىپ، مېڭىپ مەلۇم نەرسىنىڭ دائىرىسىگە، ئىچىگە، ئىچكى تەرىپىگە ئۆتمەك؛ ئىچى تەرىپىگە بارماق، ئۆزىنى ئىچىگە ئالماق.
باغقا كىرمەك. قوينىغا كىرمەك.
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە (ماقال).
تېشىپ، يېرىپ ئۆتمەك، سانجىلماق.
پۇتىغا تىكەن كىرمەك.
قاتارىدىن ئورۇن ئالماق، تەركىبكە قوشۇلماق، مەنسۇپ بولماق، ھېسابلانماق.
سەپكە كىرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر - قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
قوبۇل قىلىنماق، قاتناشماق.
دەرسكە كىرمەك. ئوقۇشقا كىرمەك. پارتىيىگە كىرمەك.
تارالماق، يېىلماق.
ئىسلام دىنى شۇندىن باشلاپ قاراخانىيلار ئاتالغان بۇ يەرلىرىمىزگە كىردى.
ساناق سان بىلەن، بەزىدە <ياش> سۆزى بىلەن كېلىپ شۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سىز بۇ يىل 17 گە كىردىڭىزغۇ دەيمەن - ھە؟
ۋاقىت، پەيتنى بىلدۈرىدىغان ئايرىم سۆزلەر بىلەن كېلىپ شۇ ۋاقىت ياكى پەيتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كەچ كىردى. ئەتىياز كىردى.
ئېلىنماق، ئېرىشمەك.
بۇ پۇلنىڭ 50 نەچچە پىرسەنتى بۇغدايدىن كىردى.
چىشى ھايۋانلار ئەركەك ھايۋانلار تەرىپىدىن چېتىلىشماق.
سەلىمىخاننىڭ كالىسى بۇقىغا كىرىپتۇ.
رىئايە قىلماق، ئەمەل قىلماق، ماقۇل دېمەك.
بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ گېپىگە كىر (ماقال).
بىراق سەلىمە ئېرىنىڭ بۇ نەسىھىتىگە كىرمەي سورۇنغا قاتناشتى.
يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەز ئىسىملار بىلەن كېلىپ <نامايان بولماق، ئايان بولماق، ئاڭلانماق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
كېچە دادام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.
بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ: 1( شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ پەيدا بولۇش ياكى ۋۇجۇدقا كېلىشىگە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پىلە قۇرتى تورغا كىردى.
2) شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيەت ۋە ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۈسكە كىرمەك. قىياپەتكە كىرىۋالماق.
گۈلچىمەن ئانىسىغا تىكىلىپ، ئۇنىڭ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدىلا باشقىچە ياداپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، بىتاپ كىشى سىياقىغا كىرىىپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولدى.
3( شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسە ياكى خۇسۇسىيەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
زۇۋانغا كىرمەك. دەرمان كىرمەك. جان كىرمەك. غەيرەت كىرمەك.