Uyghur主要词典
كىرلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوتقان - كۆرپىگە تۇتۇلىدىغان، يوتقان - كۆرپىنى كىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلايدىغان مەخسۇس رەخت.
«شىدىشاپ» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كىرلىكنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. شىدىشاپ تۇتمىغان يوتقان كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يوتقان، كۆرپىنىڭ ئۈستىگە قاپلىنىدىغان، ۋاقتى - ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ يوتقان - كۆرپىنى كىرلىشىشتىن ساقلايدىغان رەخت.
ئۇ كەلگەندە سېسترا قىزلار ئاپئاق كىرلىكلەر يېپىلغان ئورۇن - كۆرپىلەرنى خۇددى قىلىچتەك قىر چىقىرىپ يىغماقتا ئىدى.