Uyghur主要词典
كوستا
دۇنيا تارىخى
(1)ۋاكۇئىن كوستا مارتىنز(1846 - 1911). ئىسپانىيىلىك قانۇنشۇناس. دەسلەپتە ئىش بىجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن قانۇن ئۆگىنىپ، مادرىدتا گۇۋاھچىلىق قىلغان، ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈپ، ئوتتۇرا ئەسرنىڭ قالدۇق تەسىرىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسپانىيە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي چىقىش يولى - دېھقاننى يەرگە ئىگە قىلىش، دەپ ھېسابلىغان. جايلاردىكى دېھقانلار جەمئىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىتتپاقى ۋە مەملىكەتلىك بىرلەشمە قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن، ئەمما مەغلۇپ بولغان. 1904 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. تارىخ، ئىقتىساد، پەلسەپە، سىياسىي، قانۇن، مائارىپ ۋە ئېتنوگرافىيە ئىلىملىرى بويىچە 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. (2) ئاندرىيا كوستا (1851 - 1910) ئىتالىيە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. سىياسىي ئوبزورچى. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىر مەزگىل ئانارخىزمچى تەشكىلات - ئىشچىلار ئىتتىپاقى" نىڭ كاتتىبېشى بولغان. 1879 - يىلى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئانارخسىتلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ھەمدە ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1881 - 1891 - يىللىرى روماگنا سوتسىيالىستلر پارتىيىسىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۆپ قېتىم 2 - ئىنتىرناتسى.ونال قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1882 - يىلدىن باشلاپ، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى چىققان. شۇ سەۋەپتىن، بىرقانچە قېتىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغان. 1892 - يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان.