Uyghur主要词典
كوسموپولىتىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
جاھانچىلىق. ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن كارى بولمايدىغان، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېتىبارسىز قارايدىغان، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋە مىللەتنىڭ ھەممە نېمىسىدىن ۋاز كېچىشىنى تەشىۋىق قىلىدىغان بۇرژۇئازىيىچە ئەكسىيەتچىل ئىدېئولوگىيە.
كوسموپولىتىزمچىلار پۈتكۈل دۇنيا ھەممە ئادەمگە تەۋە، ھەر بىر شەخس مۇشۇ دۇنيانىڭ ئەزاسى دېگەن نام بىلەن ۋەتەنسىزلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ. مۇشۇ تەشەببۇسنى ئۆز ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرگەن بۇرژۇئا ئەدىبلىرى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ماھىيەتتە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشنىڭ كانىي بولۇپ بەرگەن.
ھازىرقى زامان بۇرژۇئا ئەدىبلىرىمۇ ئاشۇ تەشەببۇسنى نىقاب قىلىپ ئۆز مىللىي كاپىتالىنىڭ مونوپۇل ھوقۇقى ئۈچۈن كەتمەن چاپماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
پەلسەپە
ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئەكسىيەتچىل نەزەرىيىسى. ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى <ۋاقتى ئۆتكەن ئۇقۇم> بولۇپ قالدى دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، <مىللىي چېگرىلارنى بىكار قىلىش>، ئاتالمىش <دۇنيا ھۆكۈمىتى> تەشكىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.