Uyghur主要词典
كورۋىن
دۇنيا تارىخى
(1894 - 1919) ۋېنگرىيىلىك ئىنقىلابچى. ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1918 - يىلى ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1919 ـ يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە، ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.