Uyghur主要词典
كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1702 - 1713 - يىللىرى ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى تالىشىش يۈزىسىدىن فرانسىيىگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇش. ئەنگلىيىدە ئەينى زاماندا كورۇلىۋا ئاننې ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1702 - يىلى ياۋرۇپادا ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى پارتلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئامېرىكىدىمۇ بۇ ئۇرۇش يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە مىسسىسىپى دەرياسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالاشقان. شىمالىي قىسمىدا فرانسىيە بىلەن ئىندىئانلار ئاۋۋال ماسساچوسېتسىنىڭ دېلفىلىد ۋە لۇر پورتىنى بېسىۋالغان. 1711 - يىلى ئەنگلىيە 12 مىڭ كشىلىك فلوتىنى ئەۋەتىپ، يېڭى ئەنگلىيە قوراللىق كۈچىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن كۇپپىكغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھۇدزون دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، مونترېئالغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. 1713 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە <ئۇتىرىخت سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، فرانسىيە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى سىكوسىيى ۋە ھۇدزون پورتىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا تېرە ۋە سودا مال ئالماشتۇرۇشىنى مەنئى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە جەبىلتارىق، مىنوركا ئارىلىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئەنگلىيە پەيدىنپەي دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنى پەيدىنپەي ئەنگلىيە ئىگىلىۋالغان.