Uyghur主要词典
كورترى جېڭى
دۇنيا تارىخى
1302 - يىل 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى فرانسىيە رىتسارلار قوشۇنى بىلەن فلاندرىيە خەلق ئەسكەرلىرى كورترى (ھازىرقى بېلگىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ قىلغان. نەتىجىدە فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ 4000 رىتساردىن ئايرىلىپ قالغان، جەڭ مەيدانىدا 700 دانە شپورنى قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا بۇ قېتمقى جەڭ <شپور جېڭى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەڭ فرانسىيىنىڭ فلاندرىيىنى قوشۇۋېلىش قەستىنى بەربات قىلغان.