Uyghur主要词典
كور
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كور؛ كۆز ئاجىز؛ كۆرمەس، قارىغۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قارغۇ: كوردىل - غالجىرلاشقان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆزى كۆرمەيدىغان.
«ئەما» كىتابىي سۆز.
قارىغۇنى ياردا قىستىماق. قارىغۇنىڭ كەينىگە كىرسەڭ، گوداڭغا يىقىلىسەن. قارىغۇ سوقور ئاتقا مىنگەندەك. سوقۇردىن يول سوراش كەيمەيدۇ. سوقورغا رەھىم كېرەك. كور مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ. ئەما قارىم قىراتكە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
سۇ قاتارلىق سۇيۇق نەرسىلەر ئېگىزدىن پەسكە چۈشكەندە، قۇيۇلغاندا، تۆكۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.
<كور> قىلىپ تۆكۈلمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كۆزى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان، كۆزى كۆرمەيدىغان، قارىغۇ؛ سوقۇر.
كور ئادەم.
كورمۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتىدۇ (ماقال).
كۆچمە. بىرەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلمەيدىغان، ئاڭسىز.
سىياسىي كور.