Uyghur主要词典
كورنىلوۋ
دۇنيا تارىخى
(1) ۋىلادىمىر ئالېكسېيىۋىچ كورنىلوۋ (1806 - 1854). روسىيە ئۆكتەبر دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ھەربىيدىن بوشىغان ئوفىتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1827 - يىلدىن باشلاپ، <ئارۇۋ> ناملىق كىرەيسىردە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ناۋارىنو جېڭى ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1828 - 1829). 1849 - يىلى قارا دېڭىز فلوتىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1851 - يىلدىن باشلاپ، فلوتنىڭ ئەمەلىي قوماندانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان. قىرىم ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1854 - يىلى 9 - 10 - ئايلاردا سىۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋېتىپ، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن. (2) لاۋر گېئورگىيېۋىچ كورنىلوۋ (1870 - 1918). روسىيە گېنېرال پولكوۋنىكى. 14917 - يىلدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنىڭ باشلىقى. ئىلگىرى - كېيىن بولوپ، مىخائىل توپچىلار مەكتىپى بىلەن باش شتاب شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. رۇس - ياپون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1907 - 1911 - يىللىرى روسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، شىجاڭ، جۈنجاڭ بولغان. 1917 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، پېتروگراد ھەربىي رايونىنڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن 8 - جىنتۈەنجۈننىڭ قوماندانى ۋە غەربىي جەنۇب يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 8 - ئايدا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئەسكەرلەرنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئنقىلابىي ھەرىكەتنى كۈچىنىڭ بارىچە باستۇرغان. 1917 - يىلى 9 - ئايدا ھەربىي توپىلاڭ قوزغىغان (<كورنىلوۋ توپىلىڭى> غا قاراڭ). توپىلاڭ تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان. 11 - ئايدا نوۋوچېركازىكقا قېچىپ بارغان ھەمدە شۇ يەردە ئالېكسىيېۋ بىلەن بىرگە ئاق گۋاردىيىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلغان. كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا يېكااتېرىنادار جېڭىدە ئوق تىگىپ ئۆلگەن.
پسىخولوگىيە
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پىسخولوگى. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پىسخولوگىيىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە كونا پىسخولوگىيىسىنى ماركس، لېنىنچە پىسخولوگىيگە ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاساسىي ئەسەرى « ھازىرقى زامان پىسخولوگىيىسى ۋە ماركىسىزم».