Uyghur主要词典
كورلا شەھىرى لى مىن مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر
1993 - يىلى پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى چىن شۆيىڭ كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاقما نوپۇس پەرزەنتلىرىنى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇدىغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ. 2000 - يىلى ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى سىنىپتىن ئىككىسى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ سىنىپىدىن 15 ى، تولۇقسىز سىنىپتىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 1000 نەپەردىن ئاشقان. كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 60 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 19980 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى 4000 كۋادرات مېتىر، مۇقىم مۈلكى بەش مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ئارقىمۇ ئارقا شەھەر، ئوبلاست ە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ قۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى. يولداش چىن شۆيىڭ ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇپ باھالىنىپ، كورلا شەھەرلىك 6 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىغا سايلاندى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。