Uyghur主要词典
كونكرېت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسابىقە، مۇنازىرىلەردە بىر - بىرىگە قارشى تەرەپلەر.
رەقىب ئەسلىدە «ئىشقىي دۈشمەن» نى كۆرسىتەتتى. ھازىر تەنتەربىيىدە مۇسابىقىلاشقان تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«مۇخالىپ» ئىلمىي- نەزەرىيىۋى كۈرەشتە بىر بىرىگە قارشى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.
«رىقابەتچى» سىياسىي -
ئاجىز دۈشمەننى سەل چاغلىما، مۇدھىش رەقىبتىن قورقما. مۇخالىپلىرىمىز يەڭمەكچى، بىز يېڭىلمەيمىز. رىقابەتچىگە رىئايە يوق. يەڭگەن بولساڭ، كۈشەندەم يوق دېمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئابستراكت ئەمەس، تومتاق ئەمەس، تەپسىلاتى جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق.
كونكرېت تەھلىل قىلىش - ماركىسزمنىڭ جېنى.
پسىخولوگىيە
بۇ «ئابىستراكت » نىڭ قارىمۇ قارشسى. كىشى بىۋاستە ئىدراك قىلالايدىغان ئەمەلىي مەزمۇنغا ۋە روشەن رولغا ئىگە شەيئى. پەلسەپە ئاتالغۇسىدا، كونكرېت دېيىلگىنى ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق ياكى بىلىشتە ئەكس ئەتكەن بىر پۈتۈن شەيئى. كۆپ تەرەپلىمە خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلەر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرلىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
روسچە؛لاتىنچە
تارىخىي ئىشلار
رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئېنىق، روشەن؛ ئەمەلىي؛ بەلگىلىك، ئابستراكت بولمىغان.
كونكرېت ئىش. كونكرېت ئادەم. كونكرېت ئەمگەك. كونكرېت ۋەزىپە.