Uyghur主要词典
كونفورماتسىئونال جۈپلىشىش قىياسى
بىئولوگىيە
بىئو پەردە چۈشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىياس بولۇپ، بۇنىڭدا قارىلىشىچە، خوندىرىئوسومىنىڭ ئىچكى پەردىسىدىكى نەپەس زەنجىرى ئۈچ قايتما يولدىن تۈزۈلىدۇ. ئېلېكترون (ياكى ھىدروگېن) يەتكۈزۈشتە پروتونلار نىشانلىق ھالدا پەردىنىڭ سىرتىغا يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پەردە پوتېنسىئالى ۋە ئېلېكتروتلارنىڭ گرادېئىنت پەرقى ATP نىڭ سىنتېزلىشىدىكى دەسلەپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نەپەس ززەنجىرىنى بىر پروتون پومپىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىچكى پەردىنىڭ سىرتىدىكى پروتونلار ATP ئېنزىم كومپلېكس تەنچىسى ئارقىلىق قايتىدىن ئچىكى تەرىپىگە قايتقاندا، پەردە پوتېنسىئالى ۋە پروتون گرادئېنىت پەرقى يوقىلىدۇ ھەمدە جۈپلەشكەن ھالدا ADP دىن ATP ھاسىل بولىدۇ. NADH دې گىدروگېنازنىڭ ياردەمچى رادىكالى FMN بولۇپ، ئۇنىڭ ۋە COQ نىڭ ھەمدە ئوكسىگېننىڭ ئوكسىدسىزلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ باسقۇچقا كېرەكلىك بولغان پروتونلار ھەر قايسىسىنىڭ ئالدىنقى رېئاكسىيىسىدىن كەلمەستىن، بەلكى خوندىرىئوسوما ئىچكى پەردە ئاساسىي ماددىسىدىن بىۋاستە سۈمۈرۈلىدۇ. ئۈچ رېئاكسىيىدە ئاجرالغان پروتونلار خوندىرىئوسوما ئچىكى پەردىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋاكۇئولىغا بىۋاستە چىقىرىپ يەتكۈزۈلىدۇ، نەتىجىدە پەردە سىرتىدا كىسلاتالىقى كۈچلۈك، پەردە ئىچىدە ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك پروتون گرادىئېنتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھاسل بولغان پروتون گرادىئېنىتىنىڭ تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە، مۇرەككەپ بىر F 1 _ F0 ATP ئېنزىم كومپلېكس تەنچىسىدىكى نىشانلىق رېئاكسىيىلەر ۋە ھىدروگېن ئىئوننىڭ ئېلېكتر - خىمىيىلىك گرادىئنتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈلۈشى ئارقىلىق ATP سىنتېزلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تەلىمات كەڭرەك تارقالغان بولۇپ، ئېلېكترونلارنىڭ خوندىرىئوسومىدا يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا پروتون چىقىرىلىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن پروتون گرادىئېنتى بىلەن پەردە پوتېنسىئالى زادى قانداق قىلىپ ATP نىڭ سىنتېزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.