Uyghur←Chinese主要词典
كولتىررو مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
柯尔梯罗文化
kē ěr tī luó wén huà
شۋېتسارىيىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. شۇ جايدىكى ئوتتۇرا تاش قوراللار مەدەنىيىتىدىكى ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق فرانسىيىگە تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بولغان سۇسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان بىر خىل مەدەنىيەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى باشلانغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىلىقى شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نېئوشاتىل كۆلى بويىدىكى سۇ ئۈستى قۇرۇلۇشى خارابىسىدىن ئىبارەت. كىشىلەر ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئالما قاتارلىقلارنى تېرىغان ھەمدە كالا، چوشقا، قوي باققان، لېكىن تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان تاش ئۆتىغۇچ، يا ئوقى ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان ئۇچلۇق قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلغان، ئارا ۋە تورلاردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇغا مۈڭگۈزىدىن ساپ قىلىنغان تاش پالتا خېلى تەرەققىي قىلغان. قورساقلىق، تۇتقۇچلۇق ساپال قاچىلىرىنى ئىشلەتكەن. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلاپ، دېھقانچىلىق بارا - بارا تاشلىۋېتىلگەن