Uyghur←Chinese主要词典
كولچاك
دۇنيا تارىخى
高尔察克
gāo ěr chá kè
(1874 - 1920) چار روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى، سابىق سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1916 - 1917 - يىللىرى قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئومىسكىدا ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ <سىبىرىيە ھۆكۈمىتى>گە قاتناشقان، دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. كېيىن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئۆزى <روسىيە ئالىي ھۆكۈمرانى> ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق ئارىلىشىشىدىكى ئاساسىي كۈچ بولغان. بىر مەھەل سىبىرىيە، ئورال ۋە ۋولگا دەرياسى ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. 1919 - يىلنىڭ ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلنىڭ باشلىرىدا قولغا ئېلىنپ ئۆلتۈرۈلگەن.