Uyghur主要词典
كوللۋىتىر
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1945) گېرماىيەنىڭ ئايال ئويما رەسسامى. شەرقىي پرۇسسىيەنىڭ گېنسىبۇرگ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كالىنىنگراد)دا تۇغۇلغان. يۇرتى ۋە بېرلىن، ميۇنخېندا مىس ئويما، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1891 - يىلى نامراتلار رايونىدىكى دوختۇر كارل كوللۋىتز بىلەن توي قىلغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويما رەسسام ۋە ھەيكەلتراشلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ياراتقان ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن جەمئىيەتتىكى نامراتلىق، كۈرەش ۋە ئانا مېھرىنى تەسۋىرلەشنى مەزمون قىلغان. 1918 - يىلى پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پرۇسسىيە سەنئەت جەمئىيىتىگە كىرگەن. ياغاچ ئويما، تاش ئويمىچىلىقى ۋە ياغاچ ئويما چاتما رەسىملەر ئارقىلىق پائال تۈردە پرولېتارىيات كۈرىشىگە ئاتلانغان. 1927 - يىلى تەكلىپ بويىچە سوۋېت ئىتتپاقىدا زىيارەتتە بولغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، كېيىن ئۇ نورخاۋسىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىرزبۇرگتا ۋاپات بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <دېھقانلار ئۇرۇشى>، <توقۇمىچى> ۋە <ئۇرۇش> قاتارلىقلار بار. لۇشۇن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرغان. جوڭگو ياغاچ ئويمىچىلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.