Uyghur主要词典
كوللاگېنلىق تالا
بىئولوگىيە
بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما تالالىرىنىڭ بىر خىلى. يېڭى ئەۋرىشكىدە كۆرۈنۈشى رەڭسىز بولغاچقا <ئاق تالا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ناھايىتى ئىنچىكە، پاراللېل جايلاشقان فىبرىللالاردىن تەركىب تاپقان. ئېلېكترونلۇق مىكرۇسكوپتا فىبرىللادا كۆندىلەڭ سىزىقلىق تۈزۈلۈش ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن سوزۇلۇش كۈچى بولمايدۇ. كوللاگېنلىق تالالار كىسلاتالىق ئېرىتمىدە پېپسىن تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىدۇ. ۋەھالەنكى ترىپسىنازىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاجىز كىسلاتا ۋە ئىشقارلار بولسا، ئۇنى كۆپتۈرەلەيدۇ، قايناقسۇدا ئېرىتىلسە ژېلاتىناغا ئايلىنىدۇ ۋە قوش نۇر سۇندۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كوللاگېنلىق تالا خىمىيىۋى تەركىبى كوللاگېندىن ئىبارەت. بۇنداق تالالار پەي - سىڭىر ۋە ھەقىقىي تېرىدە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئورگانلارنى ئاسراش ۋە تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. زەخىملەنگەن توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قايتا تۆرىلىشىگىمۇ ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بار.