Uyghur←Chinese主要词典
كولىكوۋ جېڭى
دۇنيا تارىخى
库利科夫会战
kù lì kē fū huì zhàn
1380 - يىلى 9 - ئايدا روسىيەنىڭ مىترولىيە - مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسكۋا كىنەزلىكى كۈنسېرى كۈچەيگەن، قىپچاق خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فېئوداللىق بۆلۈنۈش كۈنسېرى جىددىيلەشكەن، رۇس خەلقى مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان. شۇ چاغدىكى مۇڭغۇل ھۆكۈمرانى مامايخان ئىچكى ماجىرانى ۋاقتىنچە تىنچىتىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، 1380 - يىلى قوشۇن تەشكىللەپ موسكۋا كىنەزلىكىنى بىر يولىلا يوقاتماقچى بولغان. موسكۋا كىنەزى دىمىتىرىي ئىۋانوۋىچ دونىسكوي 100 مىڭ كىشىلىكتىن 150 مىڭ كىشىلىككىچە بولغان قوشۇن تەشكىللەپ قايتۇرما زەربە بەرگەن. 1380 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نېپىرا يادۋا دەرياسى بىلەن دون دەرياسى قوشۇلىدىغان جاي كولىكوۋ دالاسىدا موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغان. جەڭنىڭ دەسلىپىدە روسىيە قوشۇنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، لېكىن جىددىي پەيتتە مۆكتۈرۈپ قويۇلغان روسىيە قوشۇنلىرى جەڭگە كىرىپ، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭ قىپچاق خانلىقىغا ناھايىتى قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىي روسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرەتكەن.