Uyghur←Chinese主要词典
كولىگنىي
دۇنيا تارىخى
科利尼
kē lì ní
(1519 - 1572) فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى سەردارى، خۇگۇئېنوت مەزھىپىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. دەسلەپتە (1494 - 1559) ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاۋۋال پىيادە ئەسكەرلەر كوماندىرى بولغان؛ 1552 - يىلى دېڭىز ئارمىيە سەردارلىقىغا ئۆسكەن. 1557 - يىلى ئەسىرگە چۈشكەن. قويۇپ بېرىلىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، خۇگۇئېنوت مەزھىپىگە قاتناشقان. برازلىيە ۋە فلورىدا رايونلىرىدا مۇستەملىكە بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. 1569 - يىلى خۇگۇئېنوت مەزھىپىدىكىلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولغان. 1571 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى چارلېس Ⅸ (1560 - 1574) يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان( نىڭ يېقىن ۋەزىرى بولغان. ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرلىك ئاپتونومىيە تۈززۈمىنى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، خانىكە كاتېرىنا مېدىچ بىلەن كاتولىك دىنىي گۇرۇھىنىڭ سەركەردىسى ھېنرىي گېئۇسنىڭ دۈشمەنلىشىشىگە سەۋەبچى بولغان. سانت باتورومىئۇ پاجىئەسىدە ئۆلگەن.