Uyghur主要词典
كۆز قورقاق قول باتۇر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىر ئىشنى باشلاش مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، باشلىۋالغاندىن كېيىن ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە يۈرۈشىدىغانلىقىنى، شۇڭا قەتئىي ئىرادە، غەيرەت - شىجائەتلىك بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - نۇرغۇن ئىشلار قىلماسلىقتىن قالىدىكەن، بىز كۆپ ھالدا كۆزنىڭ قورقاقلىقىنى ئاساس قىلىۋېلىپ، قولنىڭ باتۇرلۇقىغا سەل قارايدىكەنمىز، دېدى ئۇ.