Uyghur主要词典
كۆپ مەنىلىك سۆز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
بىرقانچە مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. مەسىلەن، ئادەمنىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى، باش ۋەزىپە، باش قوشۇش، باش بۇرۇن دېگەنلەردە <باش> سۆزىنىڭ مەنىسى ھەر خىل كەلگەن. كۆپ مەنىلىك سۆزنىڭ سۆزنىڭ بىر مەنىسى ئاساسىي مەنە بولىدۇ، يۇقىرىدىكى بىرىنچى مەنە شۇنداق؛ بۇ خىل سۆزنىڭ ھەممە مەنىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئورتاقلىق بولىدۇ.