Uyghur主要词典
كۆپلۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«كۆپ»كە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۈك» قوشۇلغان ).
سانى نۇرغۇن.
كۆپلۈك قىلىدۇ. * ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن بازاردا ماڭماق تەس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. ئىسىمنىڭ سان كاتېگورىيىسىنىڭ بىر تۈرى. كۆپلۈك قوشۇمچىسى لەر // لار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتىن ئوشۇقلۇق.
ئازلىق، كەملىك
سان، مىقدار جەھەتتىن يېتىشمەسلىك.
يۈز دوست ئازلىق قىلار، بىر دۈشمەن كۆپلۈك. ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ. كوچىدا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ماڭماق تەس. كەملىكتە كامال، جىلىقتا زاۋال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سان - مىقدار جەھەتتىن جىقلىق، نۇرغۇنلۇق، كۆپ سانلىق.