Uyghur主要词典
كۆن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بولغار.
كۆن زاۋۇتى. * كۆن ئۆتۈك. *كۈن چامادان. * ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قېيىش بولار، كۆن بولماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كۆنمەك، كۆنۈش. 1 . ئۇنىماق، ماقۇل بولماق.
ئۇ بىردەم قاتتىق تۇرۇۋالدى، كېيىن كۆندى، بىز بىلەن بىللە بارىدىغان بولدى. * ئۇ مېنىڭ پىكرىمگە كۆندى.
2 . ئادەتلىنىپ، لايىقلىشىپ قالماق. ئۇ بۇ يەرگە كۆنۈپ قالدى. * ياشلار يېزا تۇمۇشىغا كۆنۈپ قالدى.
3 . ئۆگىنىپ قالماق. ئات ھارۋىغا كۆندى. * قارچىغا قولغا كۆندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭى قىرىۋېتىلىپ، مەلۇم يول بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېرە؛ ئاياغ، چاپان، چامادانغا ئوخشاشلا ياسىلىدۇ.
«كۆن»، «بۇلغارى» ئومۇمىي ئۇسۇل بىلەن نەپىس ئىشلەنگەن كۆن.
«شاۋرۇن» ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلىنىدۇ، كۆپىنچە ئىچلىك قىلىنىدۇ.
كۆن ئۆتۈك كىيدىم دەپ، كۆكسۈڭنى كەرمە. بۇلغارى چىداملىق كېلىدۇ. خۇرۇم چاپاننى دەپ،ئۆزۈڭنى خۇر قىلما. شاۋرۇن ئىچىلىك ئۆتۈك ئالدىم. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قىرىم بولار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆن.
ئات تېرىسى « ئات كۆنى» دېيىلىدۇ. بەزىدە بۇ سۆزئادەمنىڭ تېرىسى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئانىڭ كۆنى قۇرىدى _ ئۇنىڭ تېرىسى قۇرىدى، يەنى ئۆلدى. تۆگە تېرىسىنى « تەۋە كۆنى» دېيىشمۇ مۇشۇ سۆزدىن ئېلىنغان. بۇ سۆز تېرە ئاشلىنىشتىن بۇرۇن ئېيتىلىدۇ. ئاشلاشقاندىن كېيىن « قوغۇش» دېيىلىدۇ.
3 - 191
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆن، تېرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ئەيلەنگەن، پىششىقلانغان تېرە؛ يەرلىك چىگرىن.