Uyghur主要词典
كۆمۈندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆمۈندى نەڭ _ كۆمۈلگەن نەرسە.
پېئىل يىلتىزىغا «ن، د، ى» ھەرپلىرى قوشۇلسا، ئۇ پېئىل ئىسىمغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ئىسىم بىرەر نەرسىنىڭ ئېشىندىسى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، ياكى مەجھۇل دەرىجىدىكى سۈپەتداش بولىدۇ. . بۇنىڭ باشقا بىر شەكلىمۇ باركى، بۇيرۇق پېئىلنىڭ يىلتىزى بىلەن ئۆتكەن زامان پېئىلىنىڭ قوشۇمچىسى بولغان «دى _ دى ياكى دى» ھەرپلىرى ئارىسىغا «ن _ n» ھەرپى قوشۇلسا، بۇ پېئىل ئۆزلۈك دەرىجىدىكى سۈپەتداشقا ئايلىنىدۇ.بۇنىڭدا ئىش - ھەرىكەت شۇ ئىسىمنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ، يەنى پېئىلنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى ھاسىل بولىدۇ.
بۇ يەردە مەن ئېيتمىغان باشقا نەرسىلەرنىمۇ مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن قىياس قىلىش مۇمكىن.
1 - 587
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆمۈۋاتقاندەك كۆرۈندى.
ئەر تاۋارىن كۆمۈندى _ ئادەم مېلىنى كۆمۈۋاتقاندەك كۆرۈندى ( كۆمۈنۈر _ كۆمۈنمەك).
2 - 224