Uyghur主要词典
كۆكرەشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گۈلدۈرلەشتى، گۈركىرەشتى، ھۆكىرەشتى.
بۇلىتلار قامۇغ كۆكرەشدى _ ھەممە بۇلۇتلار گۈلدۈرلەشتى. بۇغرالار كۆكرەشدى _ بۇغرالار ھۆكۈرەشتى. جەڭ مەيدانىدا باتۇرلارنىڭ نەرە تارتقىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىتىلىپ « ئالپلار كۆكرەشدى» دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلدى ئەسىن ئەسنەيۈ
قازقا تۈگەل ئۈسنەيۈ
كىردى بودۇن قاسنايۇ
قارا بۇلىت كۆكرەشۈر
«غۇر - غۇر شامال ئەسنىدى،
ئۇ پۈتۈنلەي شىۋىرغانغا ئوخشايتتى،
خەلق تىترىشىپ كەتتى،
قارا بۇلۇت گۈركىرىشەر.»
باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: غۇر - غۇر شامال چىقتى، ئۇ خۇددى شىۋىرغانغا ئوخشايتتى، خەلق سوغۇقتىن تىترەشتى ۋە قارا بۇلۇت كېلىپ گۈلدۈرلىدى ( كۆكرەشۈر _ كۆكرەشمەك).
2 - 322