Uyghur主要词典
كۆكرەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گۈكىرىدى، ھۆكىرىدى، گۈلدۈرلىدى.
ئارسلان كۆكرەدى _ ئارسلان ھۆكىرىدى. بۇغرا كۆكرەدى _ بۇغرا ھۆكىرىدى. بۇلىت كۆكرەدى _ بۇلۇت گۈلدۈرلىدى. جەڭدە باتۇرلارنىڭ ۋارقىراشلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىتىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تەگىرمەندە تۇغمىش سىچغان كۆك كۆكرەكىڭە قورقماس _ تۈگمەندە توغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىگىنىدىن قورقماس. بۇ ماقال بېشىدىن كۆپ ئېغىرچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەن ئادەم كىچىك ئىشلار بىلەن قورقۇتۇلماقچى بولغانغا تەمسىل قىلىپ ئېيتىلىدۇ ( كۆكرەر _ كۆكرەمەك).
3 - 385