Uyghur主要词典
كۆك پىت
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. ئافىس ئائىلىسىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئومۇمىي نامى. قاناتلىق، قاناتسىز قوش جىنسلىق كۆپىيىدىغان، تاق جىنسلىق كۆيىدىغان دېگەنگە ئوخشاش خىلمۇخىل تىپتىكى ئىندىۋىدلەرگە بۆلۈنىدۇ. بەدىنى كىچىك، يۇمشاق، بەزىدە ئاق موم ماددىلىق ئاجرالمىلارغا ئورالغان، ياكى شىرنىلىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئانتېنىسى يىپسىمان. سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى، قاناتلىقلارنىڭ ئالدىنقى، كېيىنكى قاناتلىرى سۈزۈك پەردىسىمان، ئالدىنقى قانىتى چوڭ، كېيىنكى قانىتى كىچىك، قانات تومۇرلىرى شالاڭ، قانات دېغى بار، قورساق قىسمىنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن قورساق نەيچىسى بولىدۇ. قورسىقىنىڭ ئاخىرىدىكى ئانۇس ئۈستۈنكى پلاستىنكىسىنىڭ كەينىدە تومپايغان كونۇس شەكىللىك بىر قۇيرۇق پلاستىنكىسى بولىدۇ. ھايات تارىخى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئادەتتە قاناتسىز چىشى كۆك پىت يالغۇز ئانىلىق تۆرەلمىلىك كۆپىيىش ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، پەقەت سوغۇق پەسىللەردىلا ئەركەك - چىشى كۆك پىتلار چېتىشىپ تۇخۇم سالغاندىن كېيىن تۇخۇمى ئارقىلىق قىشتىن ئۆتىدۇ. قوش جىنسلىق كۆپىيىش بىلەن يالغۇز ئانىلىق ئارقىلىق كۆپىيىشنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدۇ. يىلغا ئوندىن ئارتۇق ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. پەسىل ئۆزگىرىپ ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا قاناتلىق كۆك پىتلارنى پەيدا قىلىپ باشقا ئورۇنلارغا ئۇچۇپ كۆچىدۇ. پارازىت ئىگىسىنى ئالماشتۇرىدۇ. كۆك پىتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى، يۇمران شاخلىرىدا ياشاپ ئۆسۈملۈك شىرنىسىنى سانجىپ شوراپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆسۈملۈك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن قاتلىنىپ قورۇلىدۇ ياكى قۇرت ھۈررەكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنى تارقىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز پىتى (Aphis gossypii) كېۋەزگە زىيان سالىدۇ؛ بۇغداي ئۇزۇن نەيچىلىك پىتى (Macrosiphum granarium) قاتارلىقلار بۇغداي خىلىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ كۆكتات پىتى (Breuicoryne brassicae) قاتارلىقلار كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارغا زىيان سالىدۇ؛ ئالما پىتى (A.poni) قاتارلىقلار مېۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان سالىدۇ. يەنە بەزى تۈرلىرى شېكەر قومۇشى، تاماكا چۆپى قاتارلىق باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.