Uyghur主要词典
كۆك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاسمان.
بېشى كۆككە يەتمەك، * كۈلىنى كۆككە سورىماق. * كۆكتىن تىلىگەن يەردىن تاپتىم. * بىلىم ئۆگەنسە كىشى، كۆككە يېتەر بېشى (ماقال) . * كۆكتە پەرۋاز قىلماق. * ئوغلۇڭ ئاشقىچىلىق قىلسا كۆككە باق، قىزىڭ ئاشقچىلىق قىلسا يەرگە باق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . كۆكتات، ئوتياش.
ئاشقا كۆك سال. * ئاشنىڭ كۆكى جىق بولۇپ كېتىپتۇ. * ئۇستام كۆك - گېزەك ئەركىلىپ قويدى. * كۆكتات بازىرى.
2 . زىرائەت ۋە ئوتياشنىڭ دېنى ۋە بېشىدىن باشقا غولى، يوپۇرماق - شاخلىرى. كۆكىنى ساتماق. * چامغۇر كۆكى. * بولىدىغان ئاشلىق كۆكىدىن مەلۇم (ماقال) . * كۆكىنى كۆرۈپ كۆكسۈڭنى كەرمە (ماقال). * پىيازنىڭ كۆكىگە قارىما، بېشىغا قارا (ماقال).
3 . ئەتىيازدا يېڭى ئۈنۈپ چىققان يۇمران ئوت. بېدە كۆكى. * كۆك چۆچۈرىسى. * مال كۆككە تويدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چوڭ شىرىق.
يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كېچەككە كۆك سېلىش بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ياخشى ئىش. * يوتقان كۆكىدىن سۆكۈلۈپ كەتتى .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . ھاۋا رەڭ، زەنگەر .
كۆك سىياھ، كۆك بوياق. * كۆك كۆز. * كۆك چاي. * كۆكۈش، تۇم كۆك، كۆپكۆك.
2 . بەدەندە سىرتتىن تەگكەن زەربىدىن پەيدا بولغان كۆك ئىششىق، جاراھەت ئىزى. بەدەنگە كۆك چۈشمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاسمان، پەلەك، كۆك:
چەرخ، تەقدىر:
پىلانېتا:
1. چەمەندەگۇل، فەلەكدە ئەختەر ئېرمەس قان يۇتۇپ ئەففان،
يۈرەكدۇر يەرۇ كۆكتىن ھۇسن ئاختارغان نىگاھىمدۇر.
گۇمنام.
2. قاچان يەتسە كۆكدىن بۇلارغە مۇھىم،
ۋە يا بىر ھەۋادىس بىلە خەۋفۇ بىيم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. تۆرت ئۇنسۇر، يەتتى كۆك، ئالتى جىھات،
نادىرۇ ئالىي ئەساسى كائىنات. نەۋايى.
4. ئەي خىرەدمەندلەر، سۆزۈمگە فەھم - ئىداراك ئەيلەلىڭ،
باشىغە كۆك دەستار كىيىپ فەريادۇ ئەففن ئەيلەبان.
سالېھى.
5. كۆك سەبزەسى كۆككە يەتكۈزۈپ باش،
ئول كۆكدە بولۇپ نۇجم ئۇشاق تاش.
نەۋايى.
6. يىغلاڭ، ئەي شەمئۇ سۇراھىكى، ئۆلەرىمنى بىلىپ،
مۇترىبى نەغمە سەرا نەۋھە كۆكىن چالدى يەنە.
نەۋايى.
كۆك. رەڭ، تۇس:
ئوت، ئوت - چۆپ، مايسا:
مۇزىكىدا تاۋۇشلارنىڭ مۇۋاپىقلىقى؛ كۈي، ئاھاڭ:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يىلتىز، مەنبە، پوست.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان گۈمبەز شەكىللىك ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
ئاسمان بېسىۋالسا، تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان. ئاسماندىن تاۋار ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەپتۇ. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق. گاداي كىيىمدە كەلدىڭىز، ئەمما ئەسلى ماكانىڭىز يۈكسەك كۆك - ساما، مېھرىبانلىق قىلىڭ بىر - بىرىڭىزگە، ئاسمان ئىدىڭىزغۇ، بولماڭ پەگا. كۆككە قارىما، كۆپكە قارا. مەن سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ ئەرشئەلاغا چىققىنڭنى كۆرەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەكلى ئىتقا ئوخشايدىغان يىرتقۇچ ھايۋان، ئۇ دائىم مال - چارۋىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.
«قارىشقۇ»لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
بۆرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرەر، خۇيى ئۆزگەرمەس. بۆرىدىن قورققان قوي باقماس. بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان. كۆك يايل قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېس ئىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
يەر، زېمىن
يەر شارى، يەر يۈزى.
ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، يەرگە ئۇرۇپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم قان تاتلىق. ئاسمانغا قارا، يەرنى ئويلا. ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلىدۇ. ئاسمان يەرگە ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ، يەر ئاسمانغا توزان توزدۇرىدۇ. كۆكتىن ئىزلىگەننى يەردىن تاپتىم. قۇش بالىسى كۆككە قارايدۇ، قوي بالىسى يەرگە. ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بار. تۆگىنى بوران ئۇچۇرسا، ئۆشكىنى ئاسماندا كۆر. كۆك ئاسماننىڭمۇ كۆزى بار. تاجغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما موھتاج، يەرنى تەخت بىل، ئاسماننى تاج.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كۆكتات؛ كۆكەمە، ئۇششۇق. مەسىلەن: كۆك چۆچۈرىسى؛ نىمىدىگەن كۆك بالا - نىمىدىگەن ئۇششۇق بالا.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قىشلىغى قاچىدا ئۆستۈرۈلگەن مايسا، مەسىلەن: كۆل مەشرىپى (بۇ مايسا بېيىت بىلەن بىراۋغا تۇتۇلسا، شۇ كىشى ئۇنى ئېلىپ مەشرەپ قىلىپ بېرىدۇ؛ ئۇ يەنە بىر كىشىگە تۇتىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ مايسا ئەتىيازغىچە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن:
گۈل - چېچەكلەرگە ئوراپ كۆكنى تۇتتۇم ئالىسلا،
دۇنيا دىگەن كارى چاغلىق يىراققىنە قويسىلا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆك، ئاسمان.
)قاتتىق «ك _ k» بىلەن(. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۆككە سۇزسا يۈزگە تۈشۈر _ ئاسمانغا تۈكۈرسە، يۈزگە چۈشەر. بۇ ماقال «باشقىلارغا يامانلىق قىلساڭ، ئۆزەڭگە قايتىدۇ» دېگەنگە ئىشارەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 182
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆك، كۆك رەڭ.
كۆك تون _ كۆك كىيىم، كۆك رەڭلىك كىيىم. كۆك رەڭدە بولغان ھەر قانداق نەرسىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. كەند كۆكى _ يۇرتنىڭ كۆكى، قارىسى، يەنى شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى باغلار، بوستانلار. بۇنىڭ بىلەن يېشىللىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كۆكيۈق _ كۆكيۇق. يېزا - قىشلاقلارنىڭ ۋە تۈركمەنلەرنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان نام.
3 - 182
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېگەرنىڭ كوكى.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەر سۆزى بىر ئەزەر كۆكى ئۈچ _ ئەرنىڭ سۆزى بىر، ئېگەرنىڭ كوكى ئۈچ. ئەرلىكنىڭ بەلگىسى سۆزى بىر بولۇش، سۆزىدىن يېنىۋالماسلىق؛ ئېگەرنىڭ كوكى ئۈچ بولىدۇ، تۆشۈك كۆپىيىپ كەتسە، ئېگەرنىڭ قېشى سۇنۇپ كېتىدۇ، تۆشۈك ئۈچتىن كەم بولسا، ئىككىسى كىشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ ماقال كىشىنى دېگەن سۆزىدە تۇرۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 413
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەسل، تەكت.
كۆكۈڭ كىم _ ئەسلىڭ كىم )يەنى سەن قايسى ئاتىدىن(، قايسى قەبىلىدىن سەن؟
ئوغۇزچە، قىپچاقچە.
2 - 413
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆتمەك، ئاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تىنىق ئاسمان رەڭگىدىكى، قېنىق ھاۋا رەڭ، ماۋى.
كۆك ئامفىبول. كۆ ك قاشتېشى. كۆك كۆز. كۆك ياقۇت.
ئى. يەر ئۈستىدە گۈمبەز شەكلىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھاۋا قاتلىمى، ئاسمان.
كۆكتە ئۇچماق. كۆكتە پەرۋاز قىلماق. كۆككە كۆتۈرۈلمەك.
ئى. يېڭى چىققان، ئۆسۈۋاتقان ئوت - چۆپ.
ماللار كۆككە تويدى.
ئى. كۆكتات )ئاساسەن بېدىنىڭ يۇمران ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ(.
كۆك چۆچۈرىسى. كۆك سامسىسى.
سۈپ. يېشىل.
كۆك تاماكا. كۆك ئامۇت. كۆك ئەمەن. كۆك بانان.
سۈپ. پىشمىغان، خام )مېۋە - چېۋە، يەل - يېمىش ھەققىدە(.
كۆك غورا.
ئى. سەي - كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقى.
سەۋزە كۆكى.
ئى. تاياق زەربىسى ياكى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ قاتتىق تېگىشىدىن بەدەندە قالغان كۆك رەڭلىك ئىز.
بەدەنگە كۆك چۈشمەك. كۆككە سورۇماق
بۇزۇپ - چاچماق، ۋەيران قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يوغان ئاتلاپ تىكىلگەن تىكىچ.
كۆك سالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەسل، تەكت، تېگى - تەكت، ئەجداد.
كۆكۈڭ كىم؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. كۆكەرمە، ئۇششۇق، مۇتتەھەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
① ئاسمان، كۆك، ② كۆك رەڭ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۆك، ئاسمان، كائىنات. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.