Uyghur主要词典
كىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەخسلىك سۇئال ئالمىشى، قايسى كىشى.
«كىمسە»، «كىمەرسە» لەر كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، سۇئال بولۇپ كەلمەيدۇ.
كىم چاپاننى يېڭە كىيسە ۋەلى باينىڭ ئوغلى شۇ، كىم چاپاننى كونا كىيسە تامنى تەشكەن ئوغرى شۇ. كىم ئاخىردا كۈلسە، شۇ ئەڭ چىرايلىق كۈلىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىم.
سوراق ئالمىشى. بۇ كىم _ بۇ كىم؟ بۇ سۆز بىرلىك ۋە كۆپلۈك ئۈچۈن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. ئوغۇزلار « بوي كىم» دەيدۇ. بۇ «قايسى قەبىلە» دېگەن بولىدۇ. « بوي» سۆزى تۈرداش ئىسىم.
1 - 441
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) كىم، (2) كىملەر؛ مەلۇم بىر كىشى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
.... كى، .... كىم (باغلىغۇچى)
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەگەر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
<قايسى كىشى> دېگەن مەنىدە شەخس ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ.
- ئۇنداق بوسا، بۇ تىزىملىكنى يېزىغا كىمدىن ئەۋەتىمىز؟ - دېدى ئامىنخان.
كىشىلەرنىڭ نامى سورالغان جۈملىلەردە <نېمىدەپ ئاتىلىدۇ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
- بولۇپتۇ، بولۇپتۇ، ئارتىسكا بولمىسىڭىز، شېئىر ئوقۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ؟ - دېدى مىرئەخمەت.
شەرت بېقىندى جۈملىنى نەتىجە جۈملىگە باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى (ماقال).