Uyghur主要词典
كىلىشمەسلىك تالاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەر - خوتۇن كېڭىشىش ئارقىلىق نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە رازى بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان ئاجرىشىش شەكىللىرىنىڭ بىرىدۇر. كېلىشمەسلىك تالاق مۇنداق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: خوتۇن كىشى نىكاھدىن ئاجرىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەر كىشى ماقۇل بولسا بۇنداق ئاجرىشىش <ھۇل> دېيىلىدۇ (بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى <كىيىمنى سېلىۋېتىش> دېگەنلىك بولۇپ، خوتۇن كىشىنىڭ ئەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن <قۇتۇلۇشى> نى كۆرسىتىدۇ). بۇنىڭدا خوتۇن كىشى ئەرگە مەلۇم ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ، ئادەتتە مەھرنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىدىن ۋاز كېچىدۇ ياكى ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئەگەر ئەر - خوتۇن ئىككىسى نىكاھدىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، <مۇبارەئە> دېيىلىدۇ (بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئۆزئارا قۇتۇلۇش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). بۇنىڭدا خوتۇن كىشى قائىدە بويىچە بىر ئۈلۈش نەپەقە ئالىدۇ.