Uyghur←Chinese主要词典
كيولىن سوتى
دۇنيا تارىخى
科隆审判
kē lóng shěn pàn
پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ داھىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى. 1848 - يىلى ئىنقلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ خورىكى ئۆرلەپ كەتكەن. 1851 - يىلى 5 - ئايدا، پرۇسسىيە ساقچى دائىرىلىرى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كيولىندا يېڭى قۇرغان مەركىزىي كومىتېتىنى تىنتىپ، ئىتتىپاقنىڭ 11 نەپەر ئەزاسىنى <ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان> دېگەن بەدنام بىلەن قولغا ئالغان. 1852 - يىلى 7 - ئۆكتەبردىن 21 - نويابىرغىچە كيولىن سوتى ئۇلارنى سوتلىغان، مەركىزىي كومىتېت مەخپىي يىغىنىنىڭ ساختا <ئەسلى خاتىرىسى> گە ئاساسەن، سوت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەتتە ئادەمگە يولسىزلىق بىلەن ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ماركىس بىلەن ئېنگلېس مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەكسىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ ئويدۇرمىسىنى پاش قىلغان.