Uyghur←Chinese主要词典
كيولن - لىندېنتال
دۇنيا تارىخى
科隆.林登落尔
kē lóng .lín dēng luò ěr
ياۋرۇپادىكى دوناي مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ قەبىلىلەر خارابىسى. ھازىرقى رېيىن دەرياسى ۋادىسىدىكى كيولىن شەھەر سىرتىغا جايلاشقان. 1929 - يىلى قېزىلغان. خارابىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتى تولۇق قېزىپ چىقىلغان. Ⅱ Ⅲ ئەسىر ئارىسىدا، ئوخشاش بولمىغان تۆت مىللەت بۇ يەردە ياشىغان؛ ئالماشقان مەزگىللەردە، تېرىلغۇ يەرلەر ئاق قالغان. قايسى بىر مىللەت ئالدى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىپ، تەدرىجىي قەبىلە شەكىللىنىپ، كۋادرات شەكىللىك 27 ئىمارەت سېلىنغان، قەبىلىدىكى نوپۇسى تەخمىنەن 160 تىن 200 گىچە بولغان. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەرلەر ئۈنۈمسزلىنىشىشكە باشلىغاندا، ئۇلار باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىشكەن. نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر مىللەت بۇ يەرگە كېلىپ، تېرىقچىلىق قىلغان، 35 ئىمارەت سالغان، ئاھالىسى 250 تىن، 300 گىچە بولغان. ئۇلار ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ، ياۋرۇپانىڭ قەدىمكى زامان يېزىلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە خارابە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.