Uyghur主要词典
كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرى(756 - 1031)<ئىسپانىيىدىكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى>، <ئاندىروسىيە مۇسۇلمانلار سۇلالىسى> مۇ دېيىلىدۇ، ئەرەبلەر ۋە بەربەرلەرنىڭ ئىسپانىيىدە قۇرغان ھاكىمىىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىسى 712 - يىلى ئاتلانتىك ئوكيان ئارقىلىق ئەسكەر ماڭغۇزۇپ جەبىلتارىغ بوغۇزىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، گوتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، 713 - يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل ئىسپانىيىنى ئىشغال قىلدى. 756 - يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئۇمەييە ئوردىسىدىكى ئابدۇرەھمان شىمالىي ئافرىقىغا قېچىپ بارغان بولۇۋېلىپ، بەربەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىسپانىيىدە ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەب ۋالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئۆزىنى <ئەمىر> دەپ ئاتىدى، 761 - يىلى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئابباسىيلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن فرانسىيە شاھى چارماننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەملىدى. خرىستىئانلار بىلەن ياۋروپادا بىلنوس تاغ تىزمىلىرىنى چېگرا قىلدى. ئابدۇرەھمان 3 (912 - يىلىدىن 961 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئەمىر دۆلىتىنى خەلىپە دۆلىتىگە ئۆزگەرتىپ، ئۆزى خەلىپە بولدى. خەلىپە دۆلىتىنىڭ نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، ئسىلام دىنى غەربتە تارقىلىپ، نۇرغۇن يېڭى مۇسۇلمانلار پەيدا بولۇپ، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ئىسلام مەدەنىىتى شەكىللەندى، خرىستىئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. ئەينى چاغدا شەرقتىكى باغدات ۋە قاھىرەدىن قالسىلا پايتەخت كوردوۋا مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت مەركىزى بولدى. يەنە بىر مەدەنىيەت مەركىزى بولغان تولېدودا شەرق، غەرب مەدەنىيەتلىرى قوشۇلدى. غەربنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرگە دائىر ئەرەبچە ئەسەرلەرنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىپ، غەربكە تونۇشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىبنى روشىد، ئىبنى ئەرەبى قاتارلىق پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. كېيىن سۇلالە پارچىلىنىپ خارابلاشتى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。