Uyghur主要词典
كېيىنكى دەۋر
بىئولوگىيە
يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ بۆلۈنگەن دەۋرى بولۇپ، ئوتتۇرا دەۋرىدىن كېيىنكى ۋە ئاخىرقى دەۋرىدىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلىدۇر. ئوتتۇرا دەۋردە خروموسومىلار ئۇرچۇقسىمان تەنچىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا تىزىلىپ ئېكۋاتور تاختىسىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ھەر بىر خروموسومىدىكى ئىككى تال خروماتىد ئايرىلىشقا باشلايدۇ، ھاسىل بولغان ئىككى يۈرۈش بالا خروموسومىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى قۇتۇپقا قاراپ سىلجىيدۇ. <يىپلىق بۆلۈنۈش> كە قاراڭ