Uyghur主要词典
كەسىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قول سانائەت تېخنىكىسى.
ئاتا كەسپى بالىغا مىراس. كەسىپ - ھاياتلىقنىڭ تۈرى. كەسىپ ۋە ھۈنەردە ھەر قانچە كامىل بولساڭمۇ مەغرۇرلانما. ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، مەززىسى يوق ئىشىنىڭ. بىر ھۈنەر مىڭ ئەيىبنى يېڭەر. ھۈنەرەس، بىھۈنەر خارەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىش - پائالىيەتنىڭ مەلۇم تەجرىبە، تەييارلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرى؛ ھۈنەر، ساھە.
- كىتاب سېتىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويىدىغان كەسىپمۇ؟ - دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.
ئىلىم، ئىلىم ساھەسى.
ماتىماتىكا كەسپى. خىمىيە كەسپى. تىل - ئەدەبىيات كەسپى.
ئادەت قىلىنغان ئىش، ئادەت.
ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈش سىزنىڭ تۇغما كەسپىڭىز.