Uyghur主要词典
كەسمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كەسمەك؛ قىرقىماق.
تىلماق؛ نەقىش ئويماق.
ئۈزمەك؛ يەشمەك؛ ئاجراتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىملىكنى تىكىشكە ئۆلچەپ راسلىماق.
سەيگە قاراپ ئاش ئىچ، بويغا قاراپ كىيىم پىچ. كىيىم كەسسەڭ، كەڭ كەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوتنى ئېنىقلاپ يەكۈن چىقارماي، جازاغا بۇيرۇماق
ھۆكۈم چىقىرىشتا يالغۇز ئۆزىگە تايىنىۋالمايدىغان ئادەملا ياخشى ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. كېسىم - كەسكەننىڭ كەسكىنلىكىدىن كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن نەرسىلەرنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچە - پارچە قىلماق، پارچىلىماق.
پىچاق دەستىسىنى كەسمەپتۇ (ماقال).
ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس (ماقال).
تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن تىلماق، يارماق، جاراھەتلەندۈرمەك.
قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس (ماقال).
ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنى ئورما ئورۇۋاتقاندا ئورغاق كېسىۋەتكەنىدى.
پىچماق (كىيىم ھەققىدە).
ئۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا كىرگەن رەختلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ بولۇپ، تىككۈچىلەرگە تاشلاپ بەردى - دە، رەيھاننى ئىزلەپ ماڭدى.
كۆچمە. بىرەر جاينىڭ ئارىسىدىن، ئوتتۇرا قىسمىدىن نىشان قىلغان جايغا ئۇدۇللاپ يول ئالماق، ئوتتۇرىدىن يېرىپ بارماق، يۆنەلمەك.
ئۇ كىشى قولۋاققا ئولتۇرۇپ، دەريانى كېسىپ ئۆتمەكچى بوپتۇ.
كۆچمە. توسماق، مەلۇم بىر نەرسە بىلەن توسالغۇ ھاسىل قىلىپ تورىماق.
ئارىدىن خوجايىن ئىشىكنى تاقاپ، زال بىلەن بىليارتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولنى كېسىپ تاشلىدى.
كۆچمە. ئۈزۈپ قويماق، بۆلمەك (گەپ، مۇلاھىزە، سۆھبەت قاتارلىقلار ھەققىدە).
- پەسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ؟ - دېدى روزى سادىقنىڭ سۆزىنى كېسىپ.
كۆچمە. بەلگىلىمەك، بېكىتمەك، بىر قارارغا كەلمەك (باھا، ئىش ھەققى قاتارلىقلار ھەققىدە).
- ۋاي - ۋۇي، ئەجەپ كېلىشىپ بولالماي كەتتىڭلار، مەنلا كېسىپ قويمايمۇ، - دېدى بىر ئاقساقال بېدىك قوي ئىگىسى بىلەن خېرىدارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ.
كۆچمە. جازاغا ھۆكۈم قىلماق، جازا مۇددىتىنى بېكىتمەك.
- ھېلىقى جىنايەتچىنى نەچچە يىللىق كەسكەندۇ؟ - بىرەيلەن تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدى.
كۆچمە. تالون، بېلەت، ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرمەك.
ھېلىقى بېلەت كەسكەن ئايال دۇكانغا يەنە قايتىپ كىرىپ ئورنىدا ئولتۇردى.
كۆچمە. تەسىرىنى، كۈچىنى ئاجىزلاتماق، پەسەيتمەك، قايتۇرماق.
ئاچچىقسۇ ھاراقنى كېسىدۇ.
ئاچچىقنى ئاچچىق كېسىدۇ.