Uyghur主要词典
كەپتەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ ئۇچرايدىغان قۇش، تۈرى كۆپ، پەيلىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، ئۆي كەپتىرى، ياۋا كەپتەر دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، دان يەيدۇ.
ئۆي كەپتىرى ئويۇنچۇق قىلىنىدۇ، ئۆگىتىپ خەت - ئالاقە توشۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
«كۆكۈشكەن» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىدۇ.
بىر كەپتەردە قىرىق قىزنىڭ ئىشقى بار. ئاغزىدا زەيتۇن شېخى چىشلىۋالغان كەپتەر - تىنچلىقنىڭ سمۋولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل قۇش. قانىتى چوڭ، ئۇچۇشقا ماھىر، تۈرلىرى كۆپ. ئۆسۈملۈك دانلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىنچە ئۆيدە بېقىلىدۇ، بەزىدە خەت - ئالاقە توشۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە تىنچلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ.