Uyghur主要词典
كەپسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىقىلىرى ئادەتتىكىدىن جىددىيرەك؛ كۆپىنچە بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر. دۆلەتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. شوخ بولساڭ مازاغا بار، بىكار بولساڭ بازارغا. بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. سەمەت قارىمنىڭ بالىسى يۇنۇس تازا كەپسىز بالا بوپتۇ. قۇرغۇ ئەر _ تەنتەك ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاسمانغا پىچاق (مۇشت) ئاتىدىغان. ئويۇنچى، تىنىم تاپمايدىغان.
ياۋاش
تىپتىنچ يۈرىدىغان، گەپكە كىرىدىغان.
بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. تەنتەك خۇشامەت بىلەن قولغا چۈشىدۇ. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. كەپسىزنىڭ كېپىنى تەييار. ئاسىم ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان بالا بوپتۇ. يامان بولساڭ ئاسىدۇ، ياۋاش بولساڭ باسىدۇ. ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
گەپكە كىرمەي، ئۆزى خالىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىدىغان؛ باشباشتاق، گەپ ئاڭلىمايدىغان، قىلىقسىز (بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ).
ئۇ ناھايىتى كەپسىز بالا، سىزنىڭ چوڭ قىلمىقىڭىز تەس بولارمىكىن.