Uyghur主要词典
كەملىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان جەھەتتىن كۆپ ئەمەسلىك.
يۈز دوست ئازلىق قىلار، بىر دۈشمەن كۆپلۈك. كەملىكتە كامال، كۆپلۈكتە زاۋال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتىن يېتىشمەسلىك.
كۆپلۈك، جىقلىق
سان، مىقدار جەھەتتىن ئوشۇقلۇق.
يۈز دوست ئازلىق قىلار، بىر دۈشمەن كۆپلۈك. ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ. كوچىدا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ماڭماق تەس. كەملىكتە كامال، جىلىقتا زاۋال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئازلىق؛ يېتىشمەسلىك؛ تۆۋەنلىك.
ئىقتىدار جەھەتتە لاياقەتلىك ئەمەس دېگەندە، كەسپىي بىلىم ۋە كەسپىي ئىقتىدارنىڭ كەملىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مۇھتاجلىق، ماددىي قىيىنچىلىق، يېتىشمەسلىك.
- قولغا سۇ بېرەي دېسەم، بىرلا نەرسە كەملىك قىلىپ قالدى، - دەپتۇ ئەپەندىم.