Uyghur主要词典
كەمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىلقىچىلىق سايمانلىرى، ئات تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
«سالما»، «چالما» مەخسۇس ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى ئىلمەك قىلىپ، ئاتقا ئارتىدۇ، ئىلمەك ئاتنىڭ بوينىغا چۈشسە، ئات تۇتۇلىدۇ.
«قۇرۇق»، «سويلا»، «سىرتماق» مەخسۇس ياغاچنىڭ ئۇچىغا سىرتماق يىپ باغلاپ ياسىلىدۇ.
«ئ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل گۈللۈك يىپ رەخت. بۇنىڭدىن يېپىنچا قىلىنىدۇ. قىپچاقلار بۇ رەختتىن يامغۇرلۇق تەييارلايدۇ.
1 - 509
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قاڭشىرى يوق، قاڭشارسىز، پاناق، بۇرۇن قاڭشىرى پەس.
كەمەك بۇرۇن.
ئۇ كەمەك بىر قىز ئىكەن، قانداقمۇ چىرايلىق بولسۇن؟
ئى. شۇنداق ئادەم.
- ھېلىقى كەمەكنى دەمسەن؟ - دېدى ئۇ قايتىلاپ سوراپ.
كۆچمە. ئىنتايىن ھىيلىگەر، ھەييار، ساختىپەز.
نى كەمەكلەر باركى ئالەمدە ئاجايىپ سېھىرگەر، نېمە ئۇ پەن ئالدىدا، پەندەك كارامەت قايدىدۇر.