Uyghur主要词典
كەلىمە زىكرىللاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا تەسبھ ئىيتقاندا كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلىرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانى ياد ئېتىدىغان ( ئاللاغا زىكىرى _ سانا ئېيتىدىغان ) » سۆز دېگەنلىكڭ بولىدۇ. « قۇرئان كەرىم » دە مۇنداق دېيىلگەن: « پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە _ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلنىن، غاپىللاردىن بولمىغىن » ( 7 _ سۈرىنىڭ 205 _ ئايىتى ). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئۇلۇغ ئاللا ئېيتىدۇكى، مېنى ياد ئەتكۈچىنى مەنمۇ دىلىمدا ياد ئېتىمەن ». مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى تەلىملەرگە ئاساسەن ھەمىشە مۇكەممەل كەلىمە سانا، دۇرۇت، ئىستىغبار ئۇقۇپ ۋە ئاللاغا زىكىر _ سانا ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى قىسقا سۆزلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەتبىقلاپ، ئاللاغا بولغان قەتئىي ئىمانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ قىسقا سۆزلەر جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان سۆزلىرىنىڭ مۇھىم تەركىنىي قىسمى بولۇپ، ئۇلاردىكى خوشاللىق، قايغۇ، غەزەپ قاتارلىق ھەرخىل كەيپىياتلارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەل ئىچىدە كەڭ تارقالغان بۇنداق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە:
1. تەشەككۇر سۆزلىرى. مەسلەن، (1) ئەلھەمدۇلىللاھ دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « جىمى مەدھىيلەر ئاللاغا خاستۇر »، « خۇداغا شۈكرى » دېگەنلىك بولىدۇ. كىشلەر پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ شەخسىي ياكى ئائىلە ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە بۇ سۆز ئىشلىتىلىپ، ئاللاغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، بىرەيلەن « ئۆي ئىچى تىچلىقمۇ؟ » دەپ سۇرىسا، يەنە بىرەيلەن « تىچلىق، ئەلھەمدۇللاھ » دەپ جاۋاب بېرىدۇ. خېيىم _ خەتەردىن ياكى ئېغىر غەمدىن قۇتۇلغاندىمۇ بۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. ھەدىستىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار چۈشكۈرگەندىن كېيىنمۇ ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىشى كېرەك. (2) رەھمەتۇللاھ دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « خۇدانىڭ رەھمىتى »، « خۇدانىڭ ئىلتىپاتى » دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە بۇ سۆز باشقىلارنىڭ تەبرىكلىشىگە جاۋاب بېرىش يۈزىسىدىن ئىشلىتىلىپ، خۇشاللىق ياكى نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى شەخسنىڭ تەلىيى ياكى ئەجرىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلارغا باشقىلارغا سالام قايتۇرغاندىن كېيىنمۇ بۇ سۆزنى قوشۇپ سالام بەرگۈچىگە يېقىنلىقىنى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
2. ھەيران بولغاندا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر. مەسلەن، (1) ماشائاللا دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسىدۇر »، « تەقدىر ئىلاھى » دېگەنلىك بولۇپ، « ياخشى »، « ئىنتايىن ياخشى » دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە ياخشى ۋە يېڭى شەيئىلەرگە ھەيران قالغاندا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، يېزىلاردىكى مۇسۇلمان بوۋايلار تۇنجى قېتىم پويىزنى كۆرگەندە ھەيران قىلىپ « ماشائاللا » دەيدۇ. (2) سۇنىھاناللاھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللاغا مەدھىيە ئوقۇش »، « ئاللا تەڭداشسىز »، « ئاللا پاكتۇر » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆز ھەممىدىن بۇرۇن ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇيدىغان ئىماننى چىڭىتىش، ئاللاغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان مۇشرىكلارغا قارشى تۇرۇش ۋە رەددىيە بېرىشكە ئىشلىتىلىپ، « ئاللا پاك _ غۇبارسىزدۇر ھېچنەرسىنى ئاللاغا تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ » دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە يامان ياكى ئورۇنسىز ئىشلارغا ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم جايغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، مۇسۇلمانلار دەرھال « سۇبھاناللاھ » دەيدۇ. مۇسۇلمانلار نامازدا رۇكۇغا تۇرغاندا ياكى سەجدە قىلىغاندا بۇ سۆزنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلىپ، ئاللاغا بولغان چەكسىز ساداقىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەدىستىكى كەلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ كەلىمە سانانى « ئەلھەمدۇلىللاھ »، « ئاللاھۇ ئەكبەر » ۋە « كەلىمە تەييىبە » بىلەن قوشۇپ ئوقۇپ، ئۇنى مۇكەممەل كەلىمە سانا قىلىشى، ھەر كۈندىكى بەش ۋاخ نامازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ زىكرى قىلىشى كېرەك. (3) « ئەستەغپىرۇللاھ » دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن » دېگەنلىك بولۇپ، « نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ »،« ئۇنداق بولمىغاي » دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە ئىمانغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ياكى دىنىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىدىغان سۆز _ ھەرىكەتلەردىن ھەيران قالغانلىقىنى، غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە ئىشلىتىلدۇ. مەسلەن، بىرسى ئاتا _ ئانىسىنى خارلىغان بولسا، ئاڭلىغان ياكى كۆرگەنلەر: « ھەي، ئەستەغپىرۇللاھ » دەيدۇ.
3. ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسلەن، (1) « ھەسبىيەللاھ » دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللا ماڭا كۇپايە » دېگەنلىك بولۇپ، ئادەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بۇ سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ قايغۇرۇپ ۋە مەيۈسلىنىپ كەتمەسلىكىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. (2) « ئىنشائاللا » دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « خۇدا خالىسا » دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە « خۇدايىم بار » دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنى مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ. ئادەتتە كىشى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلمەي، ھەممە ئۈمىدىنى ئاللاغا تاپشۇرغان ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز بەزىدە مەلۇم ئىشنى سىپايە سۆز بىلەن رەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4. قاغاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسلەن، « لەنەتۇللا » دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانىڭ قاغىشى »، « ئاللانىڭ تاشلىۋېتىشى » دېگەنلىك بولۇپ، ئادەتتە ئەسكى ئادەم، يامان ئىشلارنى ئەيىبلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.