Uyghur主要词典
كەلىمە شاھادەت
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلار ئىمانىنى ئىزھار قىلغاندا ئوقۇيدىغان گۇۋاھلىق سۆزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كەلىمە شاھادەت مۇنداق بولىدۇ: <ئەشھەدۇ ئەن لائىلەھە ئىللەللاھۇ> (گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ خۇدا يوق). <ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھۇ> (گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى). مۇشۇ كەلىمىنى ئوقۇغانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى، دەپ ھېسابلىنىدۇ. مەزىن ئاخۇنۇم ھەر كۈنى ئەزان ئېيتقاندا بۇ سۆزنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايدۇ. مۇسۇلمانلار ھەممە تەنتەنىلىك سورۇنلاردا، بولۇپمۇ جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ئىزھار قىلىشى كېرەك.