Uyghur主要词典
كەيمە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باشنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ياكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قاپلاپ كەتكەن، ھەممە يېرىنى بېسىپ بولغان.
كەيمە تاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە، ئالدى تەرىپىگە قارىمۇ قارشى قىسمى؛ ئارقا تەرىپى، ئارقىسى.
قولنىڭ كەينى، تامنىڭ كەينى.
- ماڭا يول باشلا، - دېدى ئۇ - قىزىل تاغنىڭ كەينىنى كۆرىمەن.
گەۋدىنىڭ كۆكرەك ۋە قورساققا نىسبەتەن ئارقا تەرىپى؛ گەۋدىنىڭ غول، بەل، كاسا قاتارلىق ئەزالار جايلاشقان تەرىپى.
- كەينىڭنى قىلغىنە، - دېدى ئۇ ماڭا چاپاننى كىيدۈرۈپ بولۇپ، - يارىشىپتۇ.
ھايۋانلارنىڭ بېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ساغرا ياكى قۇيرۇقىغىچە بولغان قىسمى، شۇ تەرىپى.
ئېشەكنىڭ كەينى پۇتى.
كەينىدە قالغان، بېسىپ ئۆتكەن يول؛ ئادەم ياكى نەرسە كەلگەن تەرەپ، ھەرىكەت يۆنەلگەن تەرەپنىڭ ئەكسى.
ئابابەكرى جاۋاب بەردى: - تاش ئۆستەڭ تەرەپكە كەتتى، ئۇلارنىڭ كەينىدە نىياز ئاكام بار.
كۆچمە. ئۆزى يوق يەر، ئۆزى يوق پەيت.
كەينىدە كۈلمەك.
باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلغان ئادەم ئەڭ ئەخمەق ئادەمدۇر.
كۆچمە. چوڭ تەرەت يولىنىڭ سىلىق ئاتىلىشى.
ئاغزىدىن كىرىپ، كەينىدىن چىقماق.
ئۆچكىنىڭ كەينى ئوچۇق تۇرۇپ، قوينى مازاق قىلىپتۇ (ماقال).