Uyghur主要词典
كەيفېڭدىكى شەرقىي مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرىدىكى چىڭپىڭجيې كوچىسىدا. مەسچىتنىڭ سېلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. 1407 - يىلى رېمونت قىلىنغان. ئۇرۇشتا ۋە سۇ ئاپىتىدە ۋەيران بولغاندىن كېيىن كېڭەيتىپ سېلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ 600 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىمارەتلىرى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. مەسچىتتە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىشلەنگەن ئەرەبچە « قۇرئان كەرىم » ئابىدىسى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ئاسار ئەتىقىلەر بار.