Uyghur主要词典
كىچىكلىمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلىمەك.
چوڭايماق، يوغىنىماق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن ئېشىپ بارماق.
تاي چوڭىيىپ ئات بولار. باش يوغىنىسا، بۆكمۇ يوغىنايدۇ. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن. گەپنى ئۇششاق قىلساڭ، دەرد بولىدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كىچىك ھالەتكە كەلمەك؛ ئورنى، ھەجمى جەھەتتىن تارايماق.
جاپپارنىڭ سېمىزلىكتىن كىچىكلەپ قالغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى.
ئۆز ئىچىگە ئالغان سان، مىقدار ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ، كەملەپ كەتمەك.
باتاليونىمىز كىچىكلىمىدى، ئەكسىچە تولۇق تۆت باتاليونلۇق جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى بولۇپ قالدى.
جىسمى، گەۋدىسى نورماقل ھالەتتىن پەسلىمەك؛ ۋىجىكلەشمەك.
ئاتنىڭ قارىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ ئاخىرى غايىب بولدى.
ئەمەل، مەرتىۋە جەھەتتىن تۆۋەنلىمەك.
كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن (ماقال).