Uyghur主要词典
كىچىك گېرمانپەرەسلەر
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىردە گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە مەزھىپى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى - پرۇسسىيىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ غەربىي، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئەركىن بۇرژۇئازىيىدىن ئىبارەت. ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن ۋىرخوۋا (1821 - 1902)، شۈلزې - دېلىچ (1808 - 1883) مۇسن قاتارلىقلار بار. 5918 - يىلى 9 - ئايدا <گېرمانىيە مىللىي ئىتتىپاقى> تەشكىل قىلىنغان، ئاۋسترىيىنى چەتكە قېقىپ، پروسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىش، بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇ مەزھەپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى كۆپ سانلىقلار ئىدى.