Uyghur主要词典
كاستلېرېگ
دۇنيا تارىخى
(1769 - 1822) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1812 - 1822). تورى پارتىيىسى ئەزاسى. چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىمبېرىخ مۇقەددەس جون ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1798 - 1801 - يىللىرى ئىرلاندىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1800 - يىلدىكى ئىرلاندىينىڭ قوشۇلۇش لايىھىسىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1805 - 1806، 1807 - 1809 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. شۇ يىللاردا دانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا ئاكتىپلىق بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ۋېنا يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينىغان؛ ئاۋسترىيە، فرانسىيىلەر بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، روسىيە بىلەن پرۇسسىيىنى چەكلىگەن، مېتېرنىچ (1773 - 1859)نىڭ ياۋرۇپا مەملىكەتلىرىدە ئەنئەنىۋى پادىشاھلىق ھۆكۈمەتلەرنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىنى قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقەددەس ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن زىددىيىتىمۇ بولغان. بەزى جەھەتلەردە ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن.