Uyghur主要词典
كاساۋۇبۇ
دۇنيا تارىخى
(1910 - ياكى - 1917 - 1969) كونگو جۇمھۇرىيىتى (بۈگۈنكى زايىر جۇمھۇرىيىتى) نىڭ زۇڭتۇڭى (1960 - 1965). چېركاۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1940 - يىلى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىگەن. 1955 - يىلى ئاباكو پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1957 - يىلى لېئوپولدۋىل شەھىرى دارا رايونىنىڭ باشلىقى بولغان. 1959 - يىلى 1 - ئايدا لېئوپولدۋىلدا يۈز بەرگەن بېلگىيىگە قارشى قوزغىلاڭدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 3 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بېلگىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، يوشۇرۇن سۆھبەت ئۆتكۈگەن. 1960 - يىلى 7 - ئايدا، كونگو جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندا زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلانغان. ئۇ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان، 9 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بىلەن لۇمۇمبانى زۇڭلىلىق ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 1964 - يىلى چومبېنى زۇڭلى قىلىپ بەلگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرغان. 1965 - يىلى موبۇتو (1930 - ) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان.