Uyghur主要词典
كاسكىلىق پولك
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىدىكى ئەكسىيەتچىل مىللەتچى يېرىم ھەربىي تەشكىلات. 1918 - يىلى 11 - ئايدا مىلىتارىستلار پىدائىيلار پولكى شەكلىدە قۇرغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەكسىيەتچىل ئوفىتسىر ۋە ئەسكەرلەر، شوۋىنزملىق ئىدىيىسىدىكى بۇرژۇئازىيە ياشلىرىدىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئىشچىلار ئىنقىلابىي ھەركىتىنى باستۇرۇشقا پائال قاتناشقان. 1931 ـ يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى ۋە باشقا ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشپ <خالسبۇرگ فرونتى> نى قۇرغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن شتورمچىلار ئەترىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.