قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئورۇنسىز، قۇرۇق گەپنى دائىم ۋە تولا سۆزلەيدىغان.
جىمغۇر، مۆڭ، مۆرىمەس، ئۈنچىقماس
كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۆزلىمەيدىغان، جىم تۇرىدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. كاس - كاسقا قۇلىقىڭنى خار قىلما. كاسكىدىن دۆت ئارتۇق. بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن. گەپ قىلساڭ، ۋالاقتەككۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس. جىمجىت سۇ چوڭقۇر بولار، ئۈنچىقماس ئەر تەدبىرلىك. ۋىت - ۋىت خوتۇن ئۆي بۇزار. كاسكىنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. ئۇششاق سۆز ئەل بۇزار. گەپ ئانىسى گەپتىن قالسا، كۈنى تەس. گەپ خالتىسىنىڭ خالتىسى تۆشۈك.